2025-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى WordPress نىڭ 6.8 نەشرى ئېلان قىلىندى. WordPress 6.8 كۈندە ئىشلىتىدىغان قوراللارنى ياخشىلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تور بېكىتىڭىزنى تېخىمۇ تېز، بىخەتەر قىلدى ۋە باشقۇرۇشنى ئاسانلاشتۇردى.
ھازىر ئۇسلۇب قوللانمىسى قۇرۇلمىلىق جايلاشتۇرۇشنى قوللانغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئۆرنەك بىلەن بىللە ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئومۇمىيەت ئۇسلۇبىنى تېخىمۇ ياخشى تىزگىنلەشكە قولايلىق يارىتىدۇ.
مۆلچەرلەپ يۈكلەش ئىشلەتكۈچى كۆز يۈگۈرتۈشتىن ئىلگىرى ئۇلانمىنى ئالدىن يۈكلەپ زىيارەت قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ، bcrypt مۇكەممەللىك ھېسابلاش ئۇسۇلى ئىم بىخەتەرلىكىنى ئۆزلۈكىدىن كۈچەيتىدۇ.
پەردە ئارقىسىدا، ساندان ئەلالاشتۇرۇش ئۈنۈمنى ئاشۇردى، يېڭى بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى ئاجىزلىق مەسىلىگە ئايلىنىشتىن ئىلگىرى ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئۇسلۇب قوللانمىسىنىڭ كۆرۈنۈشى ئېنىق بولۇپ، يېڭى ماھارەتلەرمۇ بار.

ئۇسلۇب قوللانمىسىغا يېڭى قۇرۇلمىلىق جايلاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ ئېنىق بەلگە قوللىنىلدى، تور بېكىتىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىدىكى رەڭ، بەتچىلىكنى بىرلا جايدا تەھرىرلەش ئاسانلاشتى.
تەھرىرلىگۈچ ياخشىلاش

سانلىق مەلۇمات كۆرۈنۈشىدە تاللانمىنى كۆرۈش تېخىمۇ ئاسان، ئۇنىڭدىن باشقا چوققىلانغان يازمىنى سۈرۈشتۈرۈش دەۋرىيلىكىدىن چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. سىز يەنە تەھرىرلىگۈچتە ئۇششاق ياخشىلىنىشلارنى بايقايسىز، خالىغان مەزمۇن يارىتىشىڭىز تېخىمۇ راۋانلاشتى.
شۇئان بەت يۈكلەش ئىقتىدارى، مۆلچەرلەپ بەت يۈكلەشتىن مەنپەئەتلەنگەن

WordPress 6.8 دە، بەتنىڭ يۈكلىنىش سۈرئىتى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېز. سىز ياكى ئىشلەتكۈچىڭىز بىر ئۇلانمىنى نىشانلىغان ياكى چەككىنىڭىزدە، WordPress كېيىنكى بەتنى ئالدىن يۈكلەپ، تېخىمۇ راۋان، شۇئانلىق تەسىراتى بېرىدۇ. بۇ سىستېما سۈرئەت بىلەن ئۈنۈمنى تەڭپۇڭلاشتۇردى، سىز قىستۇرما ياكى ئۆزىڭىزنىڭ كودى بىلەن باشقا خىزمەت ئۇسۇلىنى تىزگىنلىيەلەيسىز. مەزكۇر ئىقتىدار پەقەت زامانىۋى توركۆرگۈنىلا قوللايدۇ، كونا توركۆرگۈ بۇ ئىقتىدارغا پەرۋا قىلمايدۇ، ھېچقانداق تەسىر پەيدا قىلمايدۇ.
Bcrypt ئارقىلىق ئىم بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈردى

ھازىر bcrypt مۇكەممەللىك ھېسابلاش ئۇسۇلى ئىشلىتىلگەچكە شىفىر يېشىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ. يېشىشكە تېخىمۇ كۈچلۈك ھېسابلاش ئىقتىدارى زۆرۈر. بۇ WordPress نىڭ باشقا شىفىرلاش ياخشىلىنىشى بىلەن ئوخشاش. سىز ھېچ ئىش قىلمىسىڭىزمۇ، ھەممىسى ئۆزلۈكىدىن يېڭىلىنىدۇ.
زىيارەتچانلىقى ياخشىلاندى
100+ زىيارەتچانلىق ئوڭشالدى، كۈچەيتىلگەن ئىقتىدارلار WordPress تەسىراتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. بۇ نەشرى ھەر بىر باغلانغان ئۆرنەكنى ئوڭشاش، يولباشچى تىزىملىكنى باشقۇرۇش، خاسلاشتۇرغۇچ ۋە ئاددىي بەلگىنى ياخشىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۆلەك تەھرىرلىگۈچ بۆلەك، سانلىق مەلۇمات كۆرۈنۈشى ۋە ئىشلەتكۈچى تەسىراتىغا 70 خىلدىن ئارتۇق ياخشىلاش ئېلىپ باردى.
سانداننىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ
WP_Query
خىلىدىكى غەملەك ئاچقۇچى ھاسىللاشنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ. نىشانىمىز ئىلگىرىكىدەكلا تور بېكەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، بۇ خىل ئەھۋالدىكى نىشانىمىز سانداننىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش. بولۇپمۇ تور بېكەتنىڭ ئېقىم مىقدارى يۇقىرى بولغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
ئىقتىدار يېڭىلانمىلىرى
WordPress 6.8 بولىقىدا تەھرىرلەشتىن تارتىپ تور زىيارىتىگىچە، نۇرغۇن ئۈنۈم ۋە ئىقتىدار يېڭىلىنىشى بار. مۆلچەرلەپ ئالدىن يۈكلەشتىن سىرت، WordPress 6.8 يەنە بۆلەك تەھرىرلىگۈچ، بۆلەك تۈرىنى تىزىملىتىش ۋە سۈرۈشتۈرۈش غەملىكىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر قانداق تەسىرلىشىشنىڭ كۈتۈش ۋاقتى 50 مىللىسېكۇنتتىن ئاشمايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. WordPress 6.8 دە، تەسىرلىشىشچان API نىشانىغا قاراپ تۇنجى قەدەم ئېلىندى.
ئۇنىڭدىكى يېڭىلىقلارغا قىزىقسىڭىز ئىگە تەرەپ ئۇقتۇرۇشىنى كۆرۈڭ.
يېڭى نەشرىدە 60 خىل تىل تولۇق تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئىلگىرى نەشرىگە ئوخشاش ئۇيغۇر تىلى نەشرىنىڭ تەرجىمسىمۇ ماس قەدەمدە بىللە ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر تىلى نەشرىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
ئەگەر WordPress نىڭ ئۇيغۇر تىلى ھەققىدكى يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولاي دېسىڭىز، ئېلخەت ئارقىلىق مۇشتەرى بولۇڭ.
جاۋاب يېزىش
ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن چوقۇم تىزىمغا كىرىشىڭىز كېرەك.